ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت خىتاي ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، ئارزۇگۈلنىڭ ھامىلىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى سۇدەرۋازا دوختۇرخانىسىدا ھامىلىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇرلانغان ئارزۇگۈلنىڭ ھاياتى ۋە ھامىلىسىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.14

دائىرىلەر ئارزۇگۈلنىڭ ھامىلىسىنى ئېلىش ئوپېراتسىيىسىنى دۈشەنبە كۈنگە كېچىكتۈرگەن ئىدى.

كىرىستوفېر سىمىت جاۋ ۋېنجۇڭنىڭ بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، " مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇگۈلنى مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن"، دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى دۇچ كېلىدىغان ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارنى مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە قىلماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ راست - يالغانلىقىنى سىنايدىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كىرىستوفېر سىمىت يەنە بۇ ۋەقەنى "ۋارۋارچە قىلمىش " دەپ تەنقىدلىگەن.

ئارزۇگۈل غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدىن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ 3 ‏ - بالىسىغا ھامىلدار ئىدى. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ پىلانسىز ھامىلدار بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، 7 ئايلىق ھامىلىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە قىستىغان. دادامتۇ يېزىسىنىڭ رەشىدە ئىسىملىك بىر مەسئۇلى جۈمە كۈنى رادىئومىزغا يېزا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ئارزۇگۈلنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشنى چەكلىگەنلىكى، ئارزۇگۈلنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش بۇ بەلگىلىمىنىڭ روھىغا توغرا كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىمىزغا " مەن بۇ ھۆججەتنى كۆرۈپ باقمىدىم، بۇنى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن سوراڭ" دەپ جاۋاب بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.