كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشنى جىددىي تەۋسىيە قىلدى

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە مەكتۈپ يوللاپ، ئەگەردە ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى قارار قىلسا،ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

كۇباغا جايلاشقان گۇەنتانامو ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىسى2002 - يىلى رەسمىي ئېچىلغاندىن باشلاپ، 2001 ‏ - يىلى 11 ‏ - سېنتەبىر تېررور ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئەل قائىدە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 750 تىن ئارتۇق مەھبۇسلار قامالغان. بۇ تۈرمىدە ھازىرمۇ 255 مەھبۇس قاماقتا.

بۇ قېتىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسى تاقالغاندا، خىتاي، لېۋىيە، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تۇنىس قاتارلىق دۆلەت پۇقرالىرى بولغان،17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىگۇناھ دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر چىقمىغانلىقى سەۋەبلىك، ھازىرغا قەدەر يەنىلا گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان50 نەپەر تۇتقۇنلارنى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

خەۋەرلەردە، يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن دېنىس مېكىدونۇفنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل كۆرسىتىشىچە " ئوباما پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرچە تېخى بۇ ھەقتە قارار ئېلىنمىدى."

نۆۋەتتە ئوباما مەسلىھەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانلار تۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم.