خىتاي ' خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى' ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى

خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى سىياسىي تەقرىزچى ليۇ شياۋبو ۋە يازغۇچى جاڭ زۇخۇالارنى 8 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى تۇتۇپ كېتىپ ئەتىسى قويۇۋەتكەن.

خوڭكوڭغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى، ليۇ شياۋبو ۋە جاڭ زۇخۇۋالارنىڭ شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9 دا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە بۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىنىڭ ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئىككى نەپەر نوپۇزلۇق خىتاي يازغۇچى تۇتۇپ كېتىلىپ بىر كېچە ئۆتكەندە قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، جاڭ زۇخۇا رويتېرسقا تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ " خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ شياۋبو ئەسلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، 1989 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۇچۇن ئىككى يىلدەك تۈرمىگە تاشلانغان ھەمدە ھازىرغىچە خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشىماقتا ئىدى.

يازغۇچى جاڭ زۇ خۇامۇ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن خىتاي ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسى ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان.

2007 - يىلى دېكابىردىمۇ، خىتاي ساقچىلىرى خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر مەركىزى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان مۇكاپاتلاش يىغىنىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا ليۇ شياۋبو بىلەن جاڭ زۇخۇانى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.