ھىلارىي كلىنتون كامبودژانى خىتايغا بېقىنىپ قالماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون كامبودژانى خىتايغا ھەدددىن زىيادە بېقىنىۋالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ بۇ سۆزنى كامبودژانىڭ پايتەختىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا قىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.01

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە" ھەرقانداق بىر دۆلەت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى، بىر دۆلەتكە ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قالماسلىقى كېرەك" دېگەن.

كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يېقىن شېرىكلىرىدىن  بىرى بولۇپ، كامبودژادا 400 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى بار ئىكەن.  بۇ شىركەتلەر كامبودژادا ئېلېكتر ۋە كۆمۈر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ زور مىقداردا مەبلەغ سالغان بولۇپ، كلىنتون كامبودژانىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ ئورۇنلۇق  بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا بېقىنىش ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يۈكسىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

2009 - يىلى دېكابىردا كامبودژا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تىلەپ كامبودژادا تۇرۇۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاينىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن كامبودژاغا بىر مىليارد 200 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئەمما، خىتاي بۇ ياردەمنىڭ 20 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.