خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 36 مىليون 83 مىڭ توننا كۆمۈر قازغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 36 مىليون 83 مىڭ توننا كۆمۈر قېزىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30 پىرسەنت ئاشۇرغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


«خىتاي بىلىم» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچ پەقەت بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە قېزىلغان كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ھەققىدىكى سانلق مەلۇماتلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆمۈرلەرنىڭ 36.5 پىرسەنتىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كۆمۈر شىركەتلىرى قېزىپ چىقارغان بولسا، قالغان قىسمىنى خىتاينىڭ شەخسىي شىركەتلىرى قازغان ئىكەن.

خەۋەردە بۇ كۆمۈرلەرنىڭ سېتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، كىملەرگە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكى تەپسىلىي بېرىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يېلىدىن باشلاپ «غەربىنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش»، «غەربىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.