كوندالىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 4 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى، غەززە رايونىدىكى كرىزىس تۈپەيلى كوندالىزا رايىسنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىنى جون نېگروپونتېنى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ مۇشۇ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەشكەنلىكىنى ھەمدە مۇئاۋىن مىنىستىر نېگروپونتېنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس، ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۇچۇن بۇ ھەپتە بېيجىڭغا بارماقچى ئىدى.

دەرۋەقە نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غەززە رايونىغا يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىچكىرىلەپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، CNN خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 10 كۈندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يەر ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا غەززە رايونىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 530غا، يارىدارلار 2600 گە يەتكەن.