جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىمالىي كورىيىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى

جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم تېيۇڭ شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن جەنۇبىي كورىيە ھەربىي بازىسىنى توپقا تۇتۇپ، 4 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

كىم تېيۇڭ ئىستىپا بېرىشتىن سەل بۇرۇن پرېزىدېنت لې مىڭباك، يۇنيوڭ ئارىلىدىكى شىمالى كورىيە بىلەن بولغان چېگرا لىنىيىسىدە قوشۇن كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن بۇ ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەنقىدنى پەسەيتەلمىگەن ئىدى.
كىم تېيۇڭ شىمالىي كورىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ يۇنيۇڭ ئارىلىدىكى جەنۇبىي كورىيە ھەر بىي بازىسىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەتتا پرېزىدېنت لې مىڭباكنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىسىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. پارلامېنت ئەزالىرى كىم تېيۇڭ ئىستىپا بېرىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن لې مىڭباك ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە تەييارلىقسىز قالغانلىقىنى ۋە جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت لې مىڭباك كىم تېيۇڭنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۈگۈن تەيىنلىنىدىكەن.

شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى دۇنيا جامائەتچلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر شىمالنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدىن ئۆز تەسىرىنى قوللىنىپ يۇڭياڭغا نەسىھەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، شىمالىي كورىيە ئىغۋاگەرچىلىكنى ئالدى بىلەن جەنۇبىي كورىيە قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر جەنۇبىي كورىيە يەنە ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لې مىڭباك پەيشەنبە كۈنى كابېنت ئەزالىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى چاقىرىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يەنە "ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ۋە بۇ قېتىم ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈشىگە قاراپ تۇرماسلىقنى" تەلەپ قىلغان.