جەنۇبىي كورىيىلىكلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئەيىبلىدى

29نويابىر دۈشەنبە كۈنى، بىر قىسىم جەنۇبىي كورىيىلىكلەر سېئۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى ۋە شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.29

بۇ نامايىشنى جەنۇبىي كورىيىدىكى "كورىيە ئەركىنلىك فېدېراتسىيىسى" تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 150 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

نامايىشچىلار شىمالىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئىلنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى كۆيدۈرگەن ۋە " كىم جۇڭ-ئىل ۋە كىم جۇڭ-ئۇن دىكتاتورىلىقى يوقالسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

سېئۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار كىم جۇڭ-ئىلنىڭ مودېلىنى كۆيدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا سىمۋول قىلىنغان تاۋۇزلارنى يېرىپ غەزىپىنى ئىپادىلىگەن.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى، شىمالىي كورىيە جەنۇبى كورىيىگە توپ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە بىر نەچچە جەنۇبى كورىيىلىكنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

دۇنيا جامائەتچىلىكى شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىگە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇ جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.