كورلا شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر خىتاي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان

خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئۇيغۇر كورلا شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، خىتاي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.23

ۋەقە كورلا شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولى ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن. مەزكۇر ساقچى پونكىتىدىكىلەر رادىئومىز مۇخبىرىغا بۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ساقچى پونكىتىغا بېسىپ كىرىپ، بىر ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق باشقا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەرق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بولسا، ساقچى پونكىتىغا 3 كىشىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە،، ھۇجۇمچىلار ئاز دېگەندە 2 ساقچىنى يارىلاندۇرغان. بىراق ھۇجۇمچىلاردىن بىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، بىرى يارىلانغان. ھالبۇكى يەنە بىر ھۇجۇمچى سالامەت قېچىپ كەتكەن.

د ئۇ ق بولسا بۇ ۋەقەنىڭ 19‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۇيغۇرلاردىن بىر كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىلانغان. ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولسا، بۇ ئۆكتەبىر كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى نىشان قىلغان 2‏-قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالىدۇ. 1‏-ئۆكتەبىر، ئىككى ئۇيغۇر خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ھەربىي ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.