كۇچاردا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.04
2008.12.04
ھادىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەزكۇر پاجىئەلىك قاتناش ۋەقەسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئېچىنىشىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئىز 'ھار قىلىشتى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ئىككى كۈندىن بۇيان تور بەتلەر ئارقىلىق ۋە باشقا ۋاسىتىلار ئارقىلىق بىلدۈرۈلمەكتە.
بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسى، 314 - نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىنىڭ كۇچارغا تەۋە قىسمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيدان ئىسپاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە قاراشلىق قاتناش شىركىتىنىڭ كۆمۈر قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلىغا ئۇرۇلغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى 29 يولۇچىدىن 18 نەپىرى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. 6 نەپىرى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىدىكى 3 ئادەمنىڭ 2 سى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئۆلگەن.
بۇ ئاتۇش شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئىكەن.
مەيلى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ياكى قاتناش يولىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى بولسۇن، قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەملەر سانى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولغاچقا خەلقنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئىنكاسلىرى كۈچلۈك بولماقتا.









