كۇچادا يۈز بەرگەن زور قاتناش ۋەقەسىدە 24 ئادەم ئۆلگەن

2 - دېكابىر سەھەردە، 314 - جى دۆلەت تاش يولىنىڭ كۇچا چېگرىسى تەۋەسىدىكى بۆلىكىدە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 24 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.02

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ۋەقە ئاتۇشتىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان 29 يولۇچى بېسىلغان بىر ئاپتوبۇس بىلەن كۆمۈر قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلنىڭ ئۆز ئارا قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نەق مەيداندىلا 20 كىشى قازا قىلغان، يەنە تۆتى دوختۇرخانىدا جان ئۆزگەن.

مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىدە سوقۇلغان كۆمۈر قاچىلانغان ئاپتوموبىلدا ئۈچ ئادەمنىڭ ئىككسى ئۆلگەن، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى 29 ئادەمنىڭ 22 سى ئۆلگەن قالغانلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

يېقىندىن بۇيان كىلىمات ۋە باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غوللۇق قاتناش لىنىيىلىرىدە ئۈزۈلمەي چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا يەنى 24 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ داۋانچىڭ بۆلىكىدە زور كۆلەملىك زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 27 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى كېلىپ چىققان ئىدى.

ئۈرۈمچى تۇرپان تاش يولىدا قۇيرۇق قوغلىشىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆز ئارا سوقۇلغان ئاپتوموبىللار 23 كە يەتكەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.