" ئەرەب تورىدا" دەپ ئاتالغان خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن شۋېتسىيىلىك فوتوگراف ۋە مۇخبىرى پېر ئېنگسترومنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارتقان بەدىئىي ئەسەرلىرى قويۇلىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆرگەزمىنى باش شتابى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان "ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى" تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا، فوتوگراف، پېر ئېنگستروم، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى بوغدا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئۆزخۇن قاتارلىقلار سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدىكەن.