خىتاي لوپنۇر كۆلى رايونىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يول ياساشقا باشلىدى

خىتاي يېقىندا لوپنۇر كۆلى رايونىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يول ياساشقا باشلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا ئۆزىنىڭ موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن 360 كىلومېتىر يېراقلىقتىكى لوپنۇر كۆلى رايونىدا تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ئۈچۈن تۆمۈر يول ياساشقا باشلىدى. تۆمۈر يول ئىككى يىلدا پۈتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.17

لوپنۇر كۆلى رايونى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى قەدىمىي دۆلەت - كرورانىيە مىلادىدىن ئىلگىرى ئۈچىنچى ئەسردىن باشلاپلا رېۋايەتلەردىكى بىر مۆجىزىگە ئايلانغان ئىدى. خىتايلار ئۇنى 'بارسا كەلمەس شەھەر' دەپ ئاتايتتى. خىتاينىڭ بايلىق تەكشۈرىدىغان ئالىمى پېڭ جامۇ دەل مۇشۇ جايدىكى 'سىر' لارنى ئېچىش ئۈچۈن 1980‏ - يىللاردا بېېرىپ قايتىپ كېلەلمىگەن ئىدى.

ھازىر خىتاي، خۇددى خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بايان قىلغاندەك، ئۆزىنىڭ خېمىيە ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ لوپنۇر كۆلى رايونىدا ساقلىنىۋاتقان كالىيلىق تۇز بايلىقلىرىنى قازماقچى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 1964 ‏ - يىلى مۇشۇ جايغا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئايرۇپىلان بىلەن تاشلاپ سىناق قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن مۇشۇ رايوندا 40 نەچچە قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى زەھەرلەپ كەلمەكتە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.