خىتاي لوپنۇرغا بارىدىغان 'قۇمۇل - لوپنۇر تۆمۈريول' قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۆمۈريول تورىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان "قۇمۇل - لوپنۇر تۆمۈريولى" نامىدىكى يېڭى بىر قۇرۇلۇش تۈرى چارشەنبە كۈنى ئىش باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، "قۇمۇل - لوپنۇر تۆمۈريولى" قۇمۇل سانائەت رايونى بىلەن لوپنۇردىكى تۇز كېنىنى ئۆز - ئارا بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى، تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 370 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى ئانالىزچىلار، مەزكۇر تومۈريولنىڭ ئاساسلىقى لوپنۇردىكى تۇز بايلىقىنى توشۇش مەقسىتىدە قۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،خىتاي تۆمۈريول مىنىستىرلىكى ۋە لوپنۇر تۇز ئىشلار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىشىپ مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لوپنۇردىكى تۇز زاپىسىنىڭ ئومۇمى مىقتارى 500 مىليون توننا بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ئاز دېگەندە 500 مىليارد يۈەنگە يارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، لوپنۇر تۆمۈر يولىنىڭ كەلگۈسىدە ھازىر لاھىيەلىنىش باسقۇچىدىكى چىڭخەي‏-شىنجاڭ تۆمۈريولىغا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەر بولسا، "بۇ قۇرۇلۇش خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى پائالىيەت بوشلۇقىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا تارايتىۋېتىدۇ،" دەپ تەنقىد قىلماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت