خىتاي ھۆكۈمىتى «مەدەنىيەت بازارلىرىنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى سېرىق نەرسىلەرنى تازىلاش» ئىشخانىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، 2011-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كىتاب، ژۇرنال، ئۈن-سىن فىلىملىرى بازىرىدا يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.11.15

خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە، قانۇنسىز نەشرىيات ئورۇنلىرى، يالغان مۇخبىرلار ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان تور بېكەتلىرىگىمۇ قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان «مەدەنىيەت بازارلىرىنى تازىلاش»، «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى چەكلەش»، «تور بېكەتلىرىنى تازىلاش» قاتارلىق ناملاردا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى تاقىلىپ، تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم تور بېكەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇخبىر، يازغۇچىلار قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.