ماكېدونىيە بىلەن قاراتاغ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى پەيشەنبە كۈنى، بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان كوسوۋانى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا سېرىبىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. سېرىبىيە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ ئىككى بالقان دۆلىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى، رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ئەيىبلىدى ۋە ماكېدونىيە بىلەن قاراتاغنىڭ سېرىبىيىدىكى ئەلچىخانىسىنى سېربىيىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى.

سېرىبىيە بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا، سېرىبىيىدىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى تاقىۋەتكەن؛ سەۋەب بۇ دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىدى. سېرىبىيە يېقىندا يەنە بۇ دۆلەتلەر ئەلچىخانىسىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناشتا، %55 نوپۇسىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقان ئىدى. بۈگۈن قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى مۇۋاپىق بىر قارار دەپ بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر 50 دىن ئاشتى. ئالبانىيە پرېزىدېنتى، 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ب د ت ئومۇميىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلەتلەرنى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.