خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مېترو پىلانى يەتتە تارماق لىنىيىدىن تەركىپ تاپىدۇ. شەھەرنىڭ 500 كۋادىرات كىلومېتىر كۆلىمىدە يەر ئاستى قاتناش ئەمەلىيلىشىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ بۈگۈنكى خىتايچە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە، 36 كەپە ئۆيلەر مەھەللىسى چېقىلىدۇ، بۇ مەزكۇر مەھەللىلەردىكى 10مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلىك پارتكومنىڭ يېقىنقى بىر يىغىنىدا، كەپە ئۆيلۈك مەھەللىلەرنى چېقىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئاكتىپ ماسلىشىشقا چاقىرىلغان. ئۈرۈمچى ۋە قارىمايدا ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان كەپە ئۆيلەرنى چېقىش دولقۇنىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ شەھەردىن سىقىپ چىقىرىلغان ۋە ئىش - ئوقەتلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى كەپە ئۆيلۈك مەھەللىلەرنى چېقىشنىڭ، ئۈرۈمچىدىكى مېترو قۇرۇلۇش پىلانى بىلەن مۇناسۋىتى بار - يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما مېترو قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
0:00 / 0:00