مېلامىن ۋەقەسى خىتاينىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىگە كېڭەيدى

ئالدىنقى كۈنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇملاردا مېلامىن ماددىسى بايقالغانلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، ئەمدى مېلامىن ۋەقەسى خىتاينىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىگە كېڭەيدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.10.31

خىتاي مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى باقمىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي فېرما - شىركەتلىرىنىڭ توخۇ، بېلىقلار ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى مېلامىن ماددىسى قوشۇلغان دان ۋە يېمەكلىك بىلەن باققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار پەيشەنبە كۈنى كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، مېلامىن ۋەقەسىنىڭ باقمىچىلىق ئىگىلىكىگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

" شاڭخەي گېزىتى" جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە شاڭخەي شەھرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ توخۇ ۋە بېلىقچىلىق شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقى، مېلامىن ماددىسى ئارىلاشقان مەھسۇلاتلار بايقالغان ھامان كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 خىتايدا مېلامىن ۋەقەسى بايقالغان 9 ‏ - ئايدىن بېرى بۇ ۋەقە دۇنيانىڭ جىددى دىققىىتىنى قوزغىغان زور سالامەتلىك ۋەقەسى بولۇپ قالغان ئىدى. مېلامىن دەسلەپتە خىتاينىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى " ئۈچ بۇغا" بالىلار سۈت پاراشۇكىدا بايقالغان.

بۇ خىتاي بويىچە 60 مىڭغا يېقىن بوۋاقنىڭ بۆرىكى زەخىملىنىش، 4 بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكىدە مەسىلە چىقىشقا خىتاينىڭ يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش سېستىمىسىدىكى بوشلۇقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سېستىمىنى ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يېقىندا خوڭكوڭ دائىرىلىرى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇمدا مېلامىن بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ نەنفاڭ گېزىتى، "ھايۋانلارغا بېرىدىغان يەم خەشەككە مېلامىن ماددىسى ئارىلاشتۇرۇش باقمىچىلىق ئىگىلىكىدىكى ئاشكارە مەخپىيەتلىك" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.