گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئۈندىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېرۋېللې جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە چاقىرىپ، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېستېرۋېللې بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تەكىتلىگەن.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياڭ جيېچى سۆھبەتتە خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى «ياخشى خىزمەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئۆكتىچىلىرى بۇ يىل 2-ئايدا ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق نامايىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، خىتايدا «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشنى چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە يىغىلىشلارنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

مەزكۇر مەسىلە ب د ت نىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەسىلە بۇ قېتىم گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ۋېستېرۋېللې جۈمە كۈنى ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇخبىرلار چەكلىمىگە ئۇچرىماي ئەركىن خەۋەر بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن، ياڭ جيېچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئاقلاپ، «بىز چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئاي چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن ئاز دېگەندە 14 كىشى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرىغان.