خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تىل - يېزىقتىكى نەشرىياتلارنى تەرتىپكە سالماقچى

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تىل - يېزىقتىكى نەشرىياتلارنى تەرتىپكە سالماقچى. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشقا 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەن.

قۇرۇلۇش جەريانىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى، ئىلى خەلق نەشرىياتى، قىزىلسۇ قىرغىز نەشرىياتى، شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ئۇن - سىن نەشرىياتى تەرتىپكە سېلىنىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر مەبلەغنىڭ مىللىي تىل - يېزىقتىكى نەشر بازىلىرىنى قۇرۇپ، "ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى" ياخشى كۆرىدىغان نەشر ئەپكارلىرىنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بارغانچە تارايتىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسەتنى يولغا قويۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق بىرىنچىدىن، مىللىي تىل - يېزىقتىكى نەشر بۇيۇملىرىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتسە، ئىككىنچىدىن، بۇ نەشرىياتلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلى خەلقنىڭ پىكرى ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ چەكلەش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.