ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ يېرىم مىليون ئاققۇنغا ئولتۇراق ھوقۇقى بېرىلمەكچى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە بولغان ئۈچ يېرىم مىليون خىتاي ئاققۇن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئولتۇراقلىشىش ھوقوقىغا ئىگە قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاققۇن نوپۇسىغا قارىتىلغان بۇ خىل ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسىنى "ھەممىگە باپ بىر كىنىشكا " دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ كىنىشكىگە شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى قاچىلانغان تورلاشقان بولغاچقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق جايىدا ئىش ئىزلەش، ئوقۇش، داۋالىنىش، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا ئوخشاش تۈرلۈك ساھەلەردە ھەر خىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى قولايلاشتۇرىدىكەن.

بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن باشقارمىسى باش كاتىپى ليۇ نىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاققۇنلار نوپۇسى 180مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولسا، نۆۋەتتە بۇ سان يىگىرمە ھەسسە ئۆرلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئاققۇن نوپۇسى ئۈچ يېرىم مىليونغا يەتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەممىگە باپ بىر كىنىشكىلەشتۈرۈش ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئاققۇنلارنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇدىكەن.

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر يەرلىك نوپۇسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشنى بارغانچە تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بارلىق ئەۋزەللىكلەرنى ياراتماقتا ئىكەن.