مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سوتقا تارتىلىدۇ

مىسىر دائىرىلىرى بۈگۈن سابىق پرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن سوتقا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسىرنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «مېنا» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ جامال ۋە ئەلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش، چىرىكلىك، ئالدامچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن سوتقا تارتىلىدىكەن.

30 يىل مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھۈسنى مۇبارەك 25-يانۋار كۈنى قاھىرەدە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك خەلق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن ھۈسنى مۇبارەك ھازىر قىزىل دېڭىز ياقىسىدىكى شام ئەل-شەيخ شەھىرىدە بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەند ئاستىدا داۋالانماقتا. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولسا ھېلىھەم پايتەخت قاھىرەدىكى تورا تۈرمىسىدە.