ئىستېمالچىلار كونا ئاياق يېلىمى قېتىلغان مېۋە ئۇيۇتمىسىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.11
2012.04.11
«ئىقتىساد كۆزەتچىسى گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى بۇ سەھىپىگە سۆز قالدۇرۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا مىلامىن قېتىلغان سۈت پاراشوكى شەرمەندىچىكلىكى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، قارا نىيەت سودىگەرلەر ھازىر يەنە، ئەخلەتتىكى كونا ئاياق چەملىرىدىن ئىشلەنگەن يىلىم-ئەيدىز پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك ماددا قېتىلغان ئۇيۇتما مېۋە ۋە قېتىق ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشقا باشلىدى دېگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «قۇياش گېزىتى» يەنە، شېنجېن شەھىرىنىڭ باۋئەن رايونىدىكى قارا زاۋۇتلارنىڭ ئەيدىز پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك ماددا قېتىپ يېمەك ئىشلەپچىقىرىدىغان قارا زاۋۇتلارنىڭ ئەھۋالىنى پاش قىلغان ۋە كىشىلەرنى سۇيۇق ئاش قىلىدىغان بىر نەچچە خىل چۆپنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.