10 - فېۋرال 'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' ئامېرىكىدا كۆرسىتىلمەكچى

10 - فېۋرال ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ئامېرىكىدا كۆرسىتىلمەكچى.

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھاجەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى - پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشى يولىدا چەككەن جەبرى - جاپالىرى تەسۋىرلەنگەن.

فىلىم 10 فېۋرال چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5 دە، ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسى ئىشخانا بىنالىرىدىن بىرى بولغان رايبۇرن سارىيىنىڭ 318 - نومۇرلۇق زالىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئېلانغا قارىغاندا، فىلىمنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جىم مكگوۋەرن، فرانك ۋولف قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم فىلىمنى قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى سۆزلەيدىكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى - پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى ئاۋسترالىيىدىكى رېژىسسور جېف دانىېل ئىشلىگەن. فىلىم ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلۇپ، ئالدىنقى ئون ھۆججەتلىك فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.