خىتاي مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى

خىتاينىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جوۋ شېڭشيەن بۈگۈن 18-قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ قىسمەن شەھەرلىرىدە پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ ھەرقانداق دۆلەتتە، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا بارغاندا، مۇھىت مەسىلىسىنىڭ تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ ئەنە شۇ باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مانا بۇ باسقۇچنى «سەزگۈر باسقۇچ» دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇ بۇ باسقۇچنىڭ نېمە ئۈچۈن سەزگۈر دەپ قارىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى خىتاينىڭ نىڭبو ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بەزىلىرى توقۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە بەزىلىرى قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ توختىتىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە تەھدىت سالغۇدەك دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ئىسيان قوزغىلىپ قالسا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇھىت مەسىلىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. خىتاي مىنىستىرنىڭ سەزگۈر باسقۇچ دېگەن سۆزىمۇ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەنە شۇ نۇقتىدىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىماقتا.