ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسى كۈنسايىن ناچارلاشماقتا

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىدىن نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى يەرلىك دائىرىلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەن.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت نازارىتى ۋە رېۋىزىيە نازارىتى بىرلىكتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەس بولۇشى، مۇھىت بۇلغىغان ئورۇنلارغا ئېغىر جازا بېرىلمەسلىكىدەك ئامىللار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇھىت خىزمەتلىرىدە بىر ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەيۋاتىدۇ، دېگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى، سانجى، ئاقسۇ ۋە قۇمۇل قاتارلىق 10 ۋىلايەت، شەھەرنىڭ مۇھىتىدىكى بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئورۇنلاردىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي تۇرۇپ قۇرۇلۇش باشلاش، ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىپ ئاندىن تەستىق سېلىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى قەتئىي ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىدىكى بۇلغىنىش كېيىنكى يىللاردىكى زور كۆچمەن ئېقىنى بولۇپمۇ 2010-يىلى 19 ئۆلكىنىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشكە باشلىغاندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ھالدا ناچارلاشقان. ئۇيغۇر بىز تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، تەبىئىي مەنبەلەرنى زىيادە خورىتىدىغان بەزى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، مانا بۇ زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.