مۇمبايدىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر 195 كە يەتكەن
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.30
2008.11.30
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ھۇجۇملاردا بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىمۇ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بىراق شەنبە كۈنى ھىندىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملاردا خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ھىندىستانلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ گېرمانىيىلىك، بىر ئامېرىكىلىق، بىر ئاۋىستىرالىيىلىك، ئىككى ياپونىيىلىك ھەمدە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر بار ئىكەن. لېكىن چەتئەللىكلەرنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس. خىتاي تەرەپ مۇمبايدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرغان.
ب ب س ئىنىڭ ئىگىلىشىچە، خەتەرگە يولۇققان بەش نەپەر خىتاينىڭ ساق سالامەت ھالدا خەتەردىن قۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپەر چوڭ قۇرۇقلۇقلىق ۋە ئىككى نەپەر شياڭگاڭلىق بار ئىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا پاكىستاننىڭ قولى بارلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، پاكىستان تەرەپ بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، پاكىستان - ھىندىستان چېگرىسىغا ھەربىي قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىددىي ۋەزىيەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.