خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا مۇقىملىقنى قوغداشقا ئەۋەتىلمەكتە

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 29 - ئىيۇن دۈشەنبە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 8 - تۈركۈم جەمئىي 664 نەپەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كادىرلىققا ئەۋەتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.06.30

خىتاي دائىرىلىرى ئاساسىي قاتلامغا خىزمەتكە ئەۋەتكەن بۇ كادىرلارنى، بۇنىڭ ئالدىدا پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيىلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا بۆلگۈنچىلىككە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارشى سەپتە خىزمەت قىلىدىغان ئاساسلىق كادىرلار قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى يېڭى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرىدىغان كادىرلارنى تاللىغاندا، قوش تىللىقلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان خىتايلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ تاللىغان، بۇنداق تاللاش ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ھەم ئىدىيىلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىگە ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان جەنۇبقا ئەۋەتىلىدىغان ياش كادىرلارنى سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار، كادىرلارنىڭ "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ "دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ تەرىقىدە 8 نۈۋەت ياش كادىرلارنى تەربىيىلەپ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مۇشۇ ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر 7315 نەپەرگە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.