خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇرنى قامال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇ كەيلەي ۋەقەسى ۋە خىتاي تەنھەرىكەتچى ليۇ شاڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە چەكلىمە قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.09

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇ كەيلەي دېلوسى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان سوتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا ئورۇننى يەنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆز ئالدىغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ياكى يېزىش رۇخسەت قىلىنمىغان.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمى 7-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكتىن چېكىندۈرۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى ليۇشاڭ ھەققىدە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىشىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىنى چەكلىگەن.

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى مانا بۇ يوليورۇق، خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاخباراتنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخباراتقا قاراتقان قامالنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.