نازەربايېف ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانغان، لېكىن سايلام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
نازەربايېف شۇ كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنتى ئىستېپا بەرگەن.
ئارقىدىن نازەربايېف يەتتەسۇلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولغان مەسىموفنى قايتا قازاقىستان باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەپ، ئۇنى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بۇيرۇغان. شۇ كۈنى قازاقىستان پارلامېنتى مەسىموفنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى تەستىقلىغان.
قازاقىستان قانۇنىغا ئاساسەن مەسىموف 10 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت تەشكىللىشى كېرەك. نازەربايېف يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا 95% ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى. لېكىن ياۋروپا بىخەتەرلىك -ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدىن سايلامغا كۆزەتكۈچىلىك قىلغان نازارەتچىلەر، بىلەت تاشلاش جەريانىدا «جىددىي قانۇنسىزلىقلار» نىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نازەربايېف ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سۈرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
قازاقىستاندىكى بۇ قېتىمقى سايلام ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىسيانلىرى تازا ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتى قازاقىستان ئۆكتىچى پارتىيە -گۇرۇھلىرىنىڭ سايلامغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا بۇرالغان ئىدى.
سايلام مەزگىلىدە سابىق قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، نازەربەيېفنىڭ ئاۋسترىيىدىكى سابىق كۈيئوغلى راھەت ئەلىيېف سۆھبەت ئېلان قىلىپ، نازەربايېفنىڭ خىتاي بىلەن، قازاقىستان زېمىنىدىن خىتايغا تېرىلغۇ يەر ئىجارە بېرىش ۋە شۇنداقلا قازاقىستاندا خەلق ئىسيانى يۈز بەرسە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قازاقىستانغا كىرىپ ئىسياننى باستۇرۇپ بېرىش مەزمۇنىدا مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە ياكى قازاقىستاندىكى ھەر قانداق بىر ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.
