ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ 1-ئاي ئىچىدىلا بىر مىليون 300 مىڭ توننا نېفىت كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1000 كىلومېتىر بولۇپ، بىراق رۇسىيىنىڭ مەزكۇر نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەنىلا ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە تەرەپ، ئومۇمىي تۇرۇبا لىنىيىسىدىن بىر تارماق ئاجرىتىپ، ئۇنى خىتاي بىلەن تۇتاشتۇرغان. مەزكۇر تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ھەر يىلى 30 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق، رۇسىيىنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىشى شېرىكى ياۋروپا ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان نېفىت تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق ئۆز نېفىتلىرىنى ياۋروپاغا چىقارماقتا.
ئەمما، ھازىرچە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، رۇسىيە تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىش ھەققىدە سۆھبەتلەر ھەم كېلىشىملەر بولغان بولسىمۇ،بىراق گاز باھاسى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا پۈتۈشەلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ھازىر خىتاي يەنە قازاقىستان بىلەن نېفىت تۇرۇبىسىغا ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى زور مىقداردا خام نېفىت قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلمەكتە.
ھازىر رۇسىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەملىكەتكە، خىتاي ئەڭ چوڭ نېفىت سەرپ قىلىدىغان مەملىكەتكە ئايلانغان.