نېپال باش مىنىستىرى خىتايغا يولغا چىقتى

نېپال باش مىنىستىرى مادھاۋ كۇمار شەنبە كۈنى، دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل مايدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتىدۇر.

مادھاۋ كۇمار خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: "مېنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىم، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر" دېگەن.

ئۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىلەر ۋە نېپالنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېپالنىڭ ئىتتىپاقدېشى ۋە نېپالدىكى كۈچلۈك پارتىيە ماۋچىلار پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى. نېپال ماۋچىلار پارتىيىسى - نېپال ئىتتىپاقلاشقان كوممۇنىست پارتىيىسى نېپالدىكى خان جەمەتى تۈزۈمىگە قارشى كۆپ قېتىم نامايىش ئۇيۇشتۇرغان ۋە "خەلق ئۇرۇشى" دەپ ئاتالغان ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇرۇشتا 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

نەتىجىدە نېپال ماۋچىلىرى 2008 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە بىرلەشمە ھاكىمىيەت قۇرۇغان ئىدى. ئەمما ماۋچىلار بۇ يىل مايدا ھاكىمىيەتتىن ۋاز كەچكەن.

نېپالمۇ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نېپال 2000 - يىلى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇر ياش شىرئېلىنى مەجبۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى شۇ يىلى شىرئېلىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.