نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئۈچ نەپەر ياۋروپا ئالىمىغا بېرىلدى

بۇ يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى فرانسىيە ئالىمى ئەيدىز تەتقىقاتچىسى فرانسوىس باررﯤ - سىنوۇسسى ۋە لۇك مونتانىېر ھەمدە بالىياتقۇ راكى تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قازانغان گېرمانىيە ئالىمى ھارالد زۇر ھاۇسېن قاتارلىق ئۈچ نەپەر ياۋروپا ئالىمىغا بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.06

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 61 ياشلىق فرانسوىس خانىم ۋە 76 ياشلىق مونتاگنىېر ئەپەندىلەر بۇندىن 25 يىل بۇرۇن ئاق قان دانچىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئادەمنىڭ ئىممۇنېت سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ ئادەمدە ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلاش ھالىتى يەنى ئەيدىز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان.

مەزكۇر بايقاش مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئالىملار شۇ ئاساستا ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە كۆپ نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان ھەمدە 1986 - يىلى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەنگە تارقىلىش قەدىمىنى ئاستىلىتىدىغان بىر خىل دورا كەشىپ قىلغان.

ھالبۇكى، ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىرەر ۋاكسىنا ئىجات قىلىنمىغان ھەمدە بۇ ۋىرۇس 25 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە 33 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئازابىنى چەكمەكتە.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئېلى خەلقىگىمۇ ئېغىر تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورىدا 2006 ‏ - يىلى بېرىلگەن بىر پارچە مەلۇماتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شۇ يىلى 9 - ئايغىچە 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.