نوبىل كومىتېتى: مۇكاپات مۇراسىمى ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شۇنداقلا ئۇ يەنە، بۇيىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ، خىتاينىڭ نورۋېگىيە بىلەن بولغان دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تاقىشىپ قالغانلىقىغا رازى بولمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ليۇ شاۋبونىڭ خانىمى بۈگۈن ئىنتېرنېتتىكى تىۋىتتېر تور پونكىتى ئارقىلىق فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىغا، ھەتتا ياشانغان ئاپىسى بىلەنمۇ تېلېفوندا ئالاقە قىلىشىغا كاشىلا قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۈگۈن ' نوبىل كومىتېتىنىڭ 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تۈرمىدە جازالىنىۋاتقان بىر جىنايەتچىگە بەرگەنلىكى خىتاينىڭ قانۇنىغا ھۈرمەت قىلمىغانلىق' دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، نوبىل كومىتېتى 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبوغا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، كانادا، ياۋروپا بىرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، دالاي لاما، خاۋېل، تۇتۇ قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلار، دېموكراتىك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ بۇ يىلقى تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىگىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4 نەپەر قانۇن مۇتەخەسسىسىمۇ، يەنى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش مۇتەخەسسىسى فرانك لارۇ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مارگرىت سېگاگىيا، قانۇن مۇستەقىللىقى مۇتەخەسسىسى گاربېرىلا كناۋل قاتارلىق كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ليۇ شاۋبونى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.