خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت تۈزۈلۈۋاتقان پىلاندا گۇئانتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، يەنە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا سوتلىرىدا جازاغا تارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەخسۇس سوت كوللېگىيىسى تەشكىللىنىپ ئۇلارنىڭ سوتى باشقىلاردىن مەخپىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
باراك ئوباما پرېزىدېنتلىق سايلام رىقابىتى جەريانىدا، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى " ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇلمەتلىك سەھىپە" دەپ ئاتىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تۈرمىدىكى تۇتقۇنلارنى چوقۇم سوت ھۆكۈمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
سايلام رىقابىتى جەريانىدا ئوباما، جورج بۇشنىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئوباما ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان گۇئەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى بىردەك سوتقا تارتىش پىلانىنىڭ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەم نېگىزلىك ھەرىكەتلەردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
