گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش، ئوبامانىڭ تۇنجى بۇيرۇقى بولىشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى باراك ئوبامانىڭ، كېلەر ھەپتە ئىچىدە گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش ھەققىدىكى بۇيرۇق ھۆججەتلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش، ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى ھەپتىسى ياكى يېقىن بولغاندا تۇنجى كۈنىدە چۈشۈرىدىغان پرېزىدېنت بۇيرۇقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئوبامانىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر مەسلىھەتچىسىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى يەنى 20 - يانۋار باشلىنىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئوباما بۇنىڭ بىلەن تەڭ گۇئانتانامودا تۇرۇۋاتقان ئەلقائىدە ۋە تالىبانغا چېتىشلىق 250 نەپەر گۇماندارلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قارار ئالىدۇ. ئەمما يەنە مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار كېلەر سەيشەنبىگە قەدەر ئاشكارىلانمايدىكەن.

مەلۇم بولغاندەك نۆۋەتتە، خاتا ۋاقىتتا خاتا جايدا تۇرۇپ قالغان دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان يەنە 17 نەپەر ئۇيغۇر بار، مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، گۇئانتانامو تۈرمىسى تاقالغاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.