باراك ئوباما ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى جاكارلىدى

1 - دېكابىر، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوباما، ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى جاكارلاش خۇسۇسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا، نۆۋەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ پېنسىيىگە چىققان گېنېرالى جىم جونېزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، ئېرىك ھولدېرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىكى باش مىنىستىرى، ئارىزونانىڭ شتات باشلىقى جەنەت ناپولىتانونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى باش مىنىستىرى ۋە سۇزەن رايىسنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلاندى.

ئاخبارات ئېلان ئىلىش يىغىنى چىكاگودا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئوباما ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە نامراتلىققا قارشى تۇرۇشتا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنىڭ ئۆزى تەشكىللىگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باراك ئوباما بۇ يىل 4 - نويابىردىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان. باراك ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقا ئېرقىدىن چىققان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ، ئۇ 2009 - يىلى 20 - يانۋار رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.


2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org