20 - يانۋار كۈنى، 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ

ئەتە يەنى 20 - يانۋار سەيشەنبە كۈنى، 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكىدا پرېزىدېنتى ئافرىقا ئېرىقىدىن بولغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامادۇر.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، باراك ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشنى، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىكنىڭ خاتىمىسى ۋە بۇندىن 40 يىل بۇرۇن قەستكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن قارا تەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ "ھەممە ئادەم باراۋەر" لىك غايىسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، دەپ قاراشماقتا.

يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئوبامانىڭ مەزكۇر پىلانى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، گۇئانتانامونى تاقاش باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئالىدىغان تۇنجى مۇھىم قەدەملىرىنىڭ بىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە جايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.