ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك باياننامىسى ئېلان قىلدى. ئوباما باياننامىسىدا "مەن ۋە خانىمىم مىشەل، ئامېرىكىدىكى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز" دېدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.09

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ خەير - ساخاۋەت، ۋە ئۆز - ئارا كەڭ قوساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئاي ئىكەنلىكىنى، بۇ قىممەتلەرنىڭ ھەممە دىنلارغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە بۇ قېتىملىق روزى ھېيت ئارقىلىق، دىنلار ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۆز - ئارا يول قويۇشنى، ئىسلام بىلەن بىرلىكتە ھەممە دىنلارنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما باياننامىسىنىڭ ئاخىرىدا خەلقنى بايرامدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستاننى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.