ئوبامانىڭ شىمالىي كورىيە ئىشلىرى بويىچە ئەلچىسى بوسۋورس سېئۇلغا يېتىپ كېلىپ پائالىيىتىنى باشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009.12.06
2009.12.06
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوسۋورس ئالدى بىلەن جەنۇبىي كورىيە تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى پىيوڭياڭغا بېرىپ، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىكەن.
بۇ جەرياندا ئۇ شىمالىي كورىيە تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى بىلەن پىيوڭياڭنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە تەرەپ سۆھبىتى توختاپ قالغان بولۇپ، پىيوڭياڭنىڭ بىر قانچە قېتىم يادرو قوراللىرى سىنىقى ئۆتكۈزۈشى مەزكۇر سۆھبەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ھەمدە تەرەپلەرنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
ئەمما، ئوبامانىڭ ئەلچىسى بوسۋورس 3 - چىسلا لوندوندا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مەسىلىسىدە توختىلىپ، "ئالدى بىلەن كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر سۈپىتىدە ئىراننىڭ يادرو پىلانى، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىقلار تۇرماقتا.









