ئوباما تايلاندنى زىيارەت قىلدى
2012.11.18
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما يەكشەنبە كۈنى تايلاند پايتەختى بانكوكقا يە يېتىپ كېلىپ، تايلاند باش مىنىستىرى يىڭلۇك شىناۋاترا بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئوباما يەنە دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىرمانى زىيارەت قىلىپ، بىرما رەھبەرلىرى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى لائۇراياتى ئاڭساڭ سۇكى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئوبامانىڭ بىرما زىيارىتى رايوننىڭ دېموكراتىيىلىشىش جەريانىدىكى زور ۋەقە دەپ قارالماقتا.
ئوباما تايلاندقا يېتىپ كەلگەن كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ كامبودىزھاغا يېتىپ كېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى. ئوبام بىرما سەپىرىدىن كېيىن كامبودىژانى زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
بىرمادىكى دېموكراتىك ئىسلاھات باشلىنىپ، ئۆكتىچى ئاڭساڭ سۇكىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشى، باراك ئوبامانىڭ قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن خىتاينىڭ ئاراللار مەسىلىسىگە ئائىت كۈرىشى كەسكىنلەشكەن پەيتكە توغرا كەلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى شۇنىڭدەك ئوبامانىڭ بۇ رايونغا قاراتقان سەپىرى مۇھىم دىققەت - ئېتىبارغا ئېرىشتى.