ئوبامانىڭ پرېزىدېنتلىق ھوقوقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىگە توغرا كەلدى

2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئوباما ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىق ھوقوقىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئامېرىكا تارىخىدا 1968 - يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا ئوخشاش، يېڭى پرېزىدېنتنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

1968 - يىلى پرېزىدېنت نېكسوننىڭ ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق ھەم ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئوباما پرېزىدېنتلىققا قەسەم بېرىپ بۇش ھۆكۈمىتىدىن بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ بولغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كونترول قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى برايىن ۋېتمەن بۈگۈن " دۆلىتىمىز پرېزىدېنتلىق ھوقوقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، مۇھىمى بىز بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن ئوبامانىڭ ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، چۈنكى ئامېرىكا ئۇرۇش ئىچىدە " دېدى.

نۆۋەتتە، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىغا مەخسۇس ئىشخانىلارنى قۇرۇپ خادىملارنىمۇ تەربىيىلەپ تەييارلىقنى پۇختا كۆرگەن بولۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت ئوباما ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر خىزمەتكە چۈشۈشى ھامانلا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى جۈملىدىن ئارمىيىنى كونترول قىلىشىتا ئىش باشلىيالايدىغان شارائىت يارىتىلىپ بولغان.

ئوباما ھوقوق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا ھەربىي قوماندانلىق قىسمىدا بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە خادىملار بىر مەزگىل داۋاملىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا تېخى ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار يېڭى پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغان ئوبامانىڭ ھوقوقىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشى،مۇۋاپىق توغرا قارار ئېلىشىغا ئەڭ توغرا ئۇچۇر ھەم مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.