ئۇكرائىنىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى يانۇكوۋېچ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خۇ جىنتاۋ بىلەن يانوكوۋېچ دۈشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرلەشمە ئاخباراتىغا ئىمزا قويغان.

خۇ جىنتاۋ، سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن 2001‏-يىلى ئۇكرائىنىيىنى زىيارەت قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي رەھبىرى. ئانالىزچىلار، خىتاي ئۇكرائىنىيە بىلەن ھەربىي، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇكرائىنىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئاۋىئاتسىيە، ئالەم بوشلۇقى، كېمىسازلىق ۋە ھەربىي سانائەت بازىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى سانائەت ئەسلىھەلىرى ئۇكرائىنىيىگە مىراس قالغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غەرب ئەللىرى خىتايغا قورال-ياراق ئېمبارگوسى قويغانلىقتىن خىتاي ئىزچىل ئۇكرائىنىيە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قىزىپ كەلگەن.

خىتاي ئىلگىرى ئۇكرائىنىيىنىڭ «ۋارياگ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى سېتىۋېلىپ، مۇشۇ ئاساستا ئاۋىئاماتكا ياساشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ئاۋىئاماتكىسىنىڭ مۇشۇ 2-3 يىل ئىچىدە پۈتۈپ، ھەربىيلەرگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار.

ئۇكرائىنىيىنىڭ ھازىرقى رۇسىيەپەرەس پرېزىدېنتى يانۇكوۋېچ 2010‏-يىلى پرېزىدېنتلىق تەختىگە چىقىپ، سابىق پرېزىدېنت يۇشېنكۇنىڭ غەربكە يېقىنلىشىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇكرائىنىيە زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان سودا توختامى ئۈچ يېرىم مىليارد دوللاردىن ئاشقان شۇنداقلا خىتاي ئۇكرائىنىيىگە بىر مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە ماقۇل بولغان.