ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

بۈگۈن يەنى 1 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى نامايىشلاردا خىتايلار ئۈچۈن دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈننىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلغان ۋە مىللىي زۇلۇم باشلانغان مۇسىبەتلىك كۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نامايىش، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي، گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن، نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو ۋە گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشلاردا ئالدى بىلەن 1‏ - ئۆكتەبىرگە قارشى باياناتلار ئوقۇلدى. باياناتلاردىن كېيىن، ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى ۋە شەھەر مەركەزلىرىدە يۈرۈش قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامايىشتىن كېيىن يەنە، سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاخباراتچىلاردىن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.