خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن خىتاينىڭ خوتەن ئوتتۇرا سوتى ۋە قەشقەر ئوتتۇرا سوتى، 2011-يىل 18-ئىيۇل ۋە 30-ئىيۇل كۈنلىرى يۈز بەرگەن ۋەقە ئۈستىدە سوت ئېچىپ، ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختار ھەسەن، مەمەتنىياز تۇرسۇندىن ئىبارەت 4 ئۇيغۇرغا تېررورلۇق تەشكىلات قۇرغان، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياسىغان، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن، ئوت قويغان دېگەن جىنايى ناملار بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋەقەلەرگە چېتىلىدىغان ئابدۇللا ئېلى، تۇراپ مەمەتلەرگە 19 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن خېنەن ئۆلكىسىدە كۇچىدا كېتىۋاتقان 6 ئادەمنى (ئىككىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز ئۆسمۈر) پالتا بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەن ۋاڭ خوڭبىن ئىسىملىك 30 ياشلىق خىتاي ئەرنى ساراڭ ئىدى دەپ جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن 2010-يىلىدىمۇ، خىتايدا جىنايەتچىلەر مەكتەپكە بۆسۈپ كېرىپ 27 ئۆسمۈرلەرنى پىچاق تىقىپ ۋە بولقا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەمۇ تېررورلۇق ۋەقە دەپ قارالمىغان ئىدى.