سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن.
دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياىسي داھىسى گەرچە كېسەللىك سەۋەبىدىن ياۋرۇپادىكى بىر نەچچە دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇن پىلانلانغان كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسى ۋە يىغىنى جەريانىدا خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بارغان جىددىي ۋە ئۆزلۈكسىز پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان دالاي لاما ئۆكتەبىر ئېيىدا گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارەتلىرىنى بىكار قىلغان ئىدى.
