ئۇ پەيشەنبە كۈنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلغان دۇنياۋى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلان قىلىپ، "گەرچە ليۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئەمەلىيەتتىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن" دېگەن.
ئۆركەش دۆلەت ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئېچىلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرى يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ جۈمە كۈنى بۇ يىغىندا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۆركەش دۆلەتنىڭ تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ يىغىننىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئۆركەش دۆلەت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەندتىن بوشىتىپ، ئۇنىڭ يولدىشىغا ۋاكالىتەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋېلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
نوبېل كومىتېتى بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالىنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىروشىمادىكى بۇ يىغىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ سېئۇلدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىشىدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەر ئوبامانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئوباما رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى يىغىن ئەھلىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.
خېروشىمادىكى ئۇچرىشىشقا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخسلەردىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېف، سابىق چېخ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما قاتارلىق 10 دەك شەخسنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلماقتا.