بازاردىكى يەككە تىجارەتچىلەرگە دۇكانلىرىنى بىر ھەپتىگىچە ئاچماسلىق ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلۈپ، بازاردىكى يايمىكەشلەر قوغلىۋېتىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تور بېكەتلىرىدە ياۋرو-ئاسىيا يىغىنى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى بارغانچە كۆپەيگەن.
سىننا تور بېكىتىدىكى بىر ئىنكاستا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە «ھۆكۈمەت يەرمەنكە ئاچىمىز دەپ، روزا ھېيت مەزگىلىدە پۇقرالارنى كۆكتاتسىز قويۇۋاتىدۇ.
ئامانلىق دەپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا تىك ئۇچار نازارەت قىلىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭغانلارنى نازارەت قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆيدە ئولتۇرۇشقا زورلاۋاتىدۇ.
كوچىغا قارايدىغان دېرىزىلەرنى تاقاشقا بۇيرۇپ، پۇقرالارنى دىمىق ئىسسىقتا ئۆلتۈرەي دەۋاتىدۇ. ئەجەبا ھۆكۈمەت بۇنداق قىلغانسېرى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، يەنە ۋەقە چىقىشىدىن قورقمامدىكىنە؟» دېيىلگەن.
ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەرمەنكە مەزگىلىدە بۇ قەدەر قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى، ئۈرۈمچى ئاھالىسىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ زور ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، شەھەر ۋەزىيىتىدە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ جىددىي كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن.