قازاقىستان، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان
2012.01.23
ئۆي ئاختۇرۇش، بۇ پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا كاسپىي دېڭىز ياقىسىدىكى جانوزەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىشچىلار ئىسيانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلغان. ئۆي ئاختۇرۇش ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋە غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن ۋىلادىمىر كوزلوف، گۈلجان لەپىسوۋا، جانبولات ماماي ۋە بولات ئاتابايېفلارنىڭ تۇرالغۇ جايىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ۋىلادىمىر كوزلوفنىڭ ئايالى ئالىيا تۇرۇسبېكىۋانىڭ ياۋرۇئاسىيا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرى ئېلىپ كېتىلگەن ۋە سىرت بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىشى چەكلەنگەن.
پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ سىياسىي تۈزۈم جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار، بۇ قېتىمقى ئۆي ئاختۇرۇشنى، قازاقىستاننىڭ سىياسىي تۈزۈم جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت تېررورلۇق دەۋرىگە قاراپ چېكىنىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ كۆرسەتتى.