ئەسلىدە سايلامدا 17 مىليون ئادەمنىڭ بېلەت تاشلايدىغانلىقى تىزىمغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ ساننىڭ ھەممىسى قاتناشمىغان. ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى 135 ئورۇن ئۈچۈن 506 نامزات سايلامغا چۈشكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان پارتىيىلەردىن كۆرسىتىلگەن ئىكەن. بۇ نامزاتلارنى ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان دېموكراتىك پارتىيىسى" مىللىي تىكلىنىش"، ئۆزبېكىستان سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى "ئادالەت"، ئۆزبېكىستان ئەركىن - دېموكراتىك پارتىيىسى ۋە ئۆزبېكىستان خەلق - دېموكراتىك پارتىيىسى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان نامزاتلار تەشكىل قىلىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا تېخى ئۆكتىچى پارتىيىلەر تىزىمغا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پارلامېنتتا ئورۇنغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىنىۋاتقان دۆلەت قاتارىدا قارالماقتا، ئۆكتىچىلىك پىكىردىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرماقتا، سابىق پرېزىدېنت نامزاتى مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆكتىچىلەر ھازىرمۇ چەتئەللەردە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ قېتىمقى سايلام ئۈستىدىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىسلام كونفېرانسىيىسى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق 36 دۆلەتنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى مەخسۇس كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. سايلام ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 8 يېرىم مىليون دوللار چىقىم قىلغان ئىكەن.